باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجاڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2013.03.19 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى 19-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جاڭ دېجاڭ مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى، خەلقنىڭ ھاۋالىسىغا بىنائەن دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم كۈندىلىك خىزمەتلىرى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، خىزمەت ھوقۇقى قانۇندا بەلگىلەنگەن، مەسئۇلىيىتى زور. جاڭ دېجاڭ ياخشى كومىتېت باشلىقى بولۇشنىڭ تۆت تۈرلۈك تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 1-يىغىنىغا بېرىلگەن تەكلىپ قارالمىسى مۇنداق: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنى تەيىنلەش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ قىسمەن مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇن كومىتېتىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مۇدىرى، ئايرىم مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىگە قويۇش ۋە قالدۇرۇش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇن كومىتېتىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مۇدىرى، قىسمەن مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىگە قويۇش ۋە قالدۇرۇش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، سوتچىلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجاڭ سۆز قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېن بەرگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈن تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكىرى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى تەيىنلەش ۋە باشقا ۋەزىپىگە قويۇش ۋە قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ھەققىدىكى ئىش تەقسىماتى تەتقىق قىلىپ بېكىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە