باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچاڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2013.03.19 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى تۈنۈگۈن يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، مۇھىمى ھۆكۈمەت فۇنكىسىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەتقىق قىلىندى.

  يىغىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدىكى رەھبىرى يولداشلارنىڭ خىزمەت تەقسىماتى بېكىتىلدى؛ «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى خىزمەت پىرىنسىپىنىڭ تۈزىتىلمە لاھىيەسى» مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللىنىپ، لاھىيەنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا تەستىقلانغان «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكىسىيەنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى» گە ئاساسەن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار ۋە ئورۇنلارنى تەسىس قىلىش مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى؛ دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى قۇرۇش، دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنى قايتىدىن قۇرۇش تەستىقلاندى.

  يىغىندا دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋە دۆلەتلىك تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ئىچكى ئاپپاراتى، خادىملارنىڭ ئىشتاتىنى بېكىتىشتىن ئىبارەت ئۈچنى بېكىتىش بەلگىلىمىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. ئاپپارات ئىسلاھاتى داۋامىدا ئىسلاھات ئىنتىزامىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، خادىملارنىڭ شىتاتى ۋە رەھبەرلەرنىڭ سانىنى قاتتىق كونترول قىلىش، خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  يىغىندا «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش لاھىيەسى»نى يولغا قويۇشتىكى ۋەزىپە تەقسىماتى بېكىتىلدى. لاھىيەنىڭ مەزمۇنى 72 تۈرلۈك ۋەزىپىگە تەپسىلىلەشتۈرۈلۈپ، مەسئۇل تارماقلار بىلەن تاماملاش چېكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: لايىھە قانۇنىي ئۈنۈمگە ئىگە، كەم كۈتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت. فونكسىيىسى ئىلىمىي، قۇرۇلمىسى سەرخىل، پاك يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلق رازى بولىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت فونكىسيىسىنى ئۆزگەرتىش مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يادروسى، بازار ئىگىلىكى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كاپالىتى. فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن خىزمىتىنى باشلاشنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ، مەمۇرىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئازايتىشنى فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىش كېرەك. مەمۇرىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ ۋە ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ھوقۇقنى ھەقىقىي تۈردە بازارغا بېرىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كىچىك ئىشلارنىڭ توسالغۇ بولۇشىدىن ساقلىنىپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتى كۈچىنى قوزغىتىپ، مەمۇرىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى بىر تەرەپتىن ئازايتىش، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپەيتىش مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن تۈگىتىپ، ئىشنىڭ باش ئاخىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ماكرو جەھەتتىن باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، كۆپرەك زېھنى كۈچنى كەلگۈسى ۋە ئومۇمىيلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا قارىتىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىنى ئىلمىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە