باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھاياتى كۈچ قوشىدۇ

2013.03.19 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا، جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى خۇي جۇڭگو ۋە رۇسىيە تاراتقۇلىرىدا « جۇڭگو بىلەن رۇسىيە پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدۇ» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنكى، بۇنىڭ خەلق كۆڭلىگە ياقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسىدا يېڭى بەت ئېچىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

  لى خۇي مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ 22-مارتتىن 24-مارتقىچە رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ رۇسىيەنى تۇنجى زىيارەتتە بولىدىغان دۆلەت قىلىپ تاللىشى جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپنىڭ جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  لى خۇي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشەنچىسى مىسلىسىز دەرىجىگە يەتتى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرى بىرىنى چوڭ قوشنا دۆلەتلەر، مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ئاساسلىق ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارايدۇ.

  لى خۇي مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە سىياسىي ئۈستۈنلىكىنى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە چوڭ تۈرلەر ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماي يەنە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ كەڭ ساھەلەرگە قاراپ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپ تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى داۋاملىق ساقلاپ شۇنداقلا ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ، ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە