باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى يېپىلدى، يۈ جېڭشىڭ مۇھىم سۆز قىلدى(2)

2013.03.13 09:14        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاخىرىدا، يۈ جىڭشىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنى - پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرىۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە ئېچىلدى. يىغىن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى، جۇڭگو جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش – خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپىسى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا تېخىمۇ قەتئىي مېڭىپ، غەربنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئەندىزىسىنى ھەرگىز كۆچۈرۈپ كەلمەسلىكىمىز كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ يەنە مۇنداق دېدى: ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەنى خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز لازىم. ئۇ مۇنداق دېدى: سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى كۈچلۈك جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى تەنقىدلەش، تەكلىپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلەپ-سادالىرىنى ئىنكاس قىلىشىنى قوللاپ، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئالماشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەق گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىشنى قوللاش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ سۆزىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا بولغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، دادىل ھالدا ئوچۇق سۆزلەپ، سوغۇق مۇئامىلە ۋە بوشاڭلىقنى رەت قىلىشىمىز؛ ئۆگىنىش، پىكىر قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئوبيېكتىپ، ئادىللىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يەڭگىللىك ۋە دۆلەت ئەھۋالىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك باشقىچە تەشەببۇسنى رەت قىلىشىمىز؛ قانۇن، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ئۆز نەپسىمىزدىن كېچىپ، ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇپ، تېرىشچانلىق، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىپ، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىش ۋە ھوقۇقتىن پايدىلىنىدىغان ياكى شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان بارلىق قىلمىشلارنى رەت قىلىشىمىز كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، زېھنى كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جاسارەتكە كېلىپ، خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنى تېرىشىپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
  
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە