باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاپپارات ئىسلاھاتى باشلانماقچى(2)

2013.03.12 09:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  __ دۆلەتلىك يىمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يىمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ساقلاپ قېلىنىدۇ، كونكىرېت خىزمەتلەرنى دۆلەتلىك يىمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ دۆلەتلىك يىمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئايرىم تەسىس قىلىنغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يىمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  __ دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. دۆلەتلىك رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات باش مەھكىمىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  __ دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى ئىدارىسىنىڭ نامىدا دېڭىزدا ھوقۇق قوغداش قانۇن ئىجراسىنى قانات يايدۇرىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ يۇقىرى قاتلاملىق كېڭىشىش ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى بولغان دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان كومىتېتى قۇرۇلىدۇ، دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان كومىتېتىنىڭ كونكىرېت خىزمەتلىرىنى دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  __ دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. ھازىرقى دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئېلىكتىر قۇۋۋىتى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەسى بىرىكتۈرۈلۈپ، قايتىدىن دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ؛ دۆلەتلىك ئېلىكتىر قۇۋۋىتى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدىكى مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاپپاراتتىن تۆتى ئازىيىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەشكىل قىلغۇچى تارماقتىن ئىككىسى ئازىيىدۇ، مۇئاۋىن مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاپپاراتلارنىڭ كۆپەيگىنى بىلەن ئازايغىنى تەڭلىشىپ سانىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئىسلاھاتتىن كېيىن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسىدىن باشقا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەشكىل قىلغۇچى تارماق 25 بولىدۇ.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، خىزمەت مىخانىزمى ئورنىتىدۇ، يۈرۈشلۈك تەدبىرلەر ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزىدۇ، تۈرلەرنى بىر-بىرلەپ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. يېڭىدىن قۇرۇلغان تارماقلارنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش» يەنى ئاپپاراتلارنى، شىتاتنى، مەسئۇلىيەتنى بېكىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلايدۇ، تارماقلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاپپاراتلارنى ئۇنىۋېرسال تەسىس قىلىدۇ، شىتات ۋە رەھبەرلەر سانىنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئالتە قېتىم ئاپپارات ئىسلاھ قىلغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە