باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

كېيىنكى بىر نەچچە قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلاردا جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى رەھبەرلىرى ۋۇجۇدقا چىقىدۇ (2)

2013.03.12 09:50        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇنىڭ ئىچىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقىلىرى، باش كاتىپى، ئەزالار نامزاتى چوقۇم ۋەكىللەر ئىچىدىن كۆرسىتىلىشى كېرەك.

  باش مىنىستىر نامزاتىنى دۆلەت رەئىسى كۆرسىتىدۇ؛ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، ھەر قايسى مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، باش كاتىپ نامزاتلىرىنى باش مىنىستىر كۆرسىتىدۇ؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىرى ۋە ئەزالىرى نامزاتىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كۆرسىتىدۇ.

  بۇ چارىگە ئاساسەن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇليىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقىلىرى، باش كاتىپى، دۆلەت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىسىنىڭ باش تەپتىشى تەڭ نامزاتلىق سايلام ئارلىق بارلىققا كېلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇليىتى دائىمىي كومىتېتىنڭ ئەزالىرى %8تىن تۆۋەن بولمىغان پەرىقلىق نامزات نىسبىتى ئارقىلىق سايلىنىدۇ.

  سايلاپ چىقىلغان ياكى بېكىتىلگەن نامزاتلار ئېرىشكەن قوللاش ئاۋازى ئومۇمىي ۋەكىللەر سانىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتسە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ.

  ئاۋاز بېرىش خەنزۇچە ۋە موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە، يىزۇچە، جۇاڭزۇچە قاتارلىق 7 خىل ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  بۇ چارىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىندىكى سايلام ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە نامسىز ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. يىغىن زالىدا مەخپىي ئاۋاز ھېسابلاش بېرىش ئورنى تەسسىس قىلىنىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە