باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى(2)

2013.03.12 08:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا جاڭ چىڭلى سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى ھەمدە سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 299 ئەزاسى سايلاپ چىقىلدى. يىغىن 11-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. دۇ چىڭلىن، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيىلار يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بولدى، يىغىنغا دۇ چىڭلىن رىياسەتچىلىك قىلدى. سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى 2237 بولۇپ، يىغىنغا 2194 ئەزا قاتناشتى، بۇ سايلامنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا مۇۋاپىق. سايلام باشلىنىشتىن بۇرۇن، يىغىن رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن خىزمەتچى خادىملارنى باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە بېلەت نازارەتچىلىرى ۋەزىپە ئورنىدا تەق بولدى، بېلەت نازارەتچىلىرى زالدىكى 23 بېلەت ساندۇقىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئىككى باش بېلەت نازارەتچىسى بىلەن نازارەتچىلىرىنىڭ بېلەت ساندۇقىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلغاندىن كېيىن يىغىنغا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكلات قىلدى. ئارقىدىن خىزمەتچىلەر سايلام بېلىتىنى تارقاتتى. بېلەت ئىككى خىل بولۇپ، قىزىل رەڭلىكى رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر ۋە باش كاتىپنى سايلايدىغان بېلەت، ھال رەڭلىكى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى سايلايدىغان بېلەت. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سايلام چارىسىغا ئاساسەن، سايلامدا يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى تەڭ نىسبەتلىك سايلام چارىسى بويىچە ۋۇجۇدقا كەلدى. نامزاتلار ئېرىشكەن قوللاش بېلىتى بارلىق ئەزالار سانىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلەر سايلاندى. خىزمەتچى خادىم بېلەتنى تولدۇرۇش تەلىپىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئەزالار ئاۋاز بېرىشكە باشلىدى. سائەت 15دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە بېلەت تاشلاش باشلاندى. باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە بېلەت نازارەتچىلىرى ئالدى بىلەن بېلەت تاشلىدى، ئەزالار ئۆزلىرى ئولتۇرغان رايون بويىچە بەلگىلەنگەن بېلەت تاشلاش ساندۇقىغا بېلەت تاشلىدى. بېلەت تاشلاش تەخمىنەن 26 مىنۇت داۋاملاشتى. خىزمەتچى خادىملار بېلەتنى ھېسابلاپ بولغاندىن كېيىن باش بېلەت نازارەتچىسى يىغىن رىياسەتچىسىگە بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلاتنى سۇندى. يىغىن رىياسەتچىسى سايلامنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. بېلەت ھېسابلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىم بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى جاكارلىدى. سايلام نەتىجىسىگە ئاساسەن رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ جەمئىي 323 نامزاتى ئېرىشكەن بېلەت بارلىق ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ ھەممىسى سايلاندى. يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 63.7 ياش، مۇئاۋىن رەئىسلەر ئىچىدە 11 كىشى پارتىيەلىك، 12 كىشى پارتىيەسىز، 4 كىشى ئاز سانلىق مىللەتتىن، 2 كىشى ئايال، يېڭىدىن سايلانغان دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59.4 ياش، بۇنىڭ ئىچىدە 195 كىشى پارتىيەسىز، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ %65.2 ىنى ئىگىلەيدۇ، 38 كىشى ئاز سانلىق مىللەتتىن، 36 كىشى ئايال، ئەزالار ئاخىرىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە