- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يۈ جېڭشىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرى يىغىنىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
2013.03.11 15:44 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، بېيجىڭ ، 9-مارت تېلېگراممىسى : سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1-يىغىنى 9-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .
يىغىندا سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى (لايىھەسى) ، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ، باش كاتىپى ، دائىمىي ئەزالىرى تەكلىپ نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھەسى) ، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھەسى) ، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھەسى)گە قاراپ چىقىلدى . يىغىندا يۇقىرقى لايىھەلەرنى سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى .
مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى دۇ چىڭلىن ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىڭ جىخۇا ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سۈن خۇەيشەن قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم لايىھە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى .
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى خەن چىدې ، پابالا گېلېلاڭجيې ، دوڭ جيەنخۇا ، لو فۇخې ، خې خۇخۇا قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر