باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قاتارلىقلار سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنى يوقلىدى ھەم مۇزاكىرىگە قاتناشتى (3)

2013.03.05 16:21        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ دېجياڭ 4 – مارت چۈشتىن كېيىن جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. جېڭ شىنسۈي، ياڭ جيەن، چېن لىڭ قاتارلىق ئەزالار ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر – تەكلىپ بەردى. جاڭ دېجياڭ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت باش تېمىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى››گە قەتئىي قارشى تۇرۇش، ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى››دا چىڭ تۇرۇش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى داۋاملىق كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. مەدەنىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تومۇرداش مىللەت ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىنى بىرلىكتە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ بېرىش – كېلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاقتىكى ھەر ساھەدىكىلەر، بولۇپمۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جاڭ دېجياڭ گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ بۇرچىنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  يۈ جېڭشېڭ 4 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ج ك پ ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. چېن يۈەن، جاڭ ليەنجېن، لو جېڭفۇ قاتارلىق ئەزالار كەڭ – كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، قاراشلىرىنى ئاكتىپ ئوتتۇرىغا قويدى. يۈ جېڭشېڭ ئەزالارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بىلەن مۇزاكىرە قىلدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ج ك پ ساھەسىدىكى ئەزالار پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، ئەقىل – چارە كۆرسىتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئۆگىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك؛ مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىغا پائال ئىشتىراك قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك كېڭىشىشنىڭ مۇھىم يولى بولۇشتەك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تەدبىر كۆرسىتىشى ۋە كۈچ چىقىرىشى كېرەك؛ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە سىرتىدىكى دوستلار بىلەن كەڭ دائىرىلىك، چوڭقۇر ئالاقە ئورنىتىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سەمىمىي سۆزلىشىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە پىلانلاپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم سىياسەت ۋە يۆنىلىشنى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىسىنى چۆرىدەپ، سىياسىي ئىشلاردا كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن 4 – مارت چۈشتىن كېيىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. لو مېي، نى جيەنمىن، جېن يەن قاتارلىق ئەزالار ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىجابىي كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش، ئۇلۇغ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى ئورتاق روياپقا چىقىرىش ئۈستىدە بەس – بەستە پىكىر بايان قىلدى، مۇزاكىرە ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى. ليۇ يۈنشەن كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› دۆلەت ئىچى، سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا، ھەر بىر كىشىنىڭ جۇڭخۇادىن ئىبارەت غايەت زور كېمىدە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە، ھەر بىر كىشىنىڭ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشنىڭ قاتناشقۇچىسى، قەلەم تەۋرەتكۈچىسىگە ئايلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملىشىگە توغرا كېلىدۇ. ليۇ يۈنشەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھەققىدىكى تەشۋىقات، تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ياشلار، ئاياللارنى ئۆز خىزمەت ئورنىدا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەپ، كۈچنى ئۇلۇغ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مۇجەسسەملەشتۈرۈشىنى؛ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 1 – سەپكە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تەلىپىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئوبدان مەسلىھەت بېرىپ، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئۇلۇغ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋاڭ چىشەن 4 – مارت چۈشتىن كېيىن جۇڭگو دېھقان – ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، ‹‹3 – سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. ۋاڭ شىنلۇ، دەي شياۋيەن، سەي ۋېي قاتارلىق ئەزالار بەس – بەستە تەسىراتىنى سۆزلىدى ۋە پىكىر – تەكلىپ بەردى. ۋاڭ چىشەن ئۇلارنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىدى. ئەزالار سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ چىشەن مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قوغداشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز بەلگىمىسى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ياخشى سۈرۈشتە قىلىپ، ئۆتكەلنى ياخشى ئىگىلەپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇپ، ھەر ئىككى قول قاتتىق بولۇپ، خەلق رازى بولىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر بىرلىكتە تۇتۇپ، نىشان ۋە ۋەزىپىنى تارماقلارغىچە تەقسىملەپ، ھەر بىر ئىش ئورنىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇش، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەم ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ھەم يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، باسقۇچمۇ باسقۇچ تۇتۇپ، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇپ، كىچىك غەلىبىنى چوڭ غەلىبىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشتىكى يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ھەم ‹‹يولۋاس››قا زەربە بېرىش ھەم ‹‹چىۋىن››نى يوقىتىش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھوقۇقنى تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەش مۇھىم بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈزۈم ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى جانلىق تەكشۈرۈش بىلەن ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قوغلىشىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى 4 – مارت چۈشتىن كېيىن جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. لى داڭ، ۋاڭ يۈسو، زېڭ فاڭ قاتارلىق ئەزالار پائال سۆز قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن مەيدانىدا كەيپىيات ئالاھىدە جانلىق بولدى. جاڭ گاۋلى ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، بىز پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك››تە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، مۇناسىۋەتلىك سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئەلئارا كاپىتالنىڭ ئېنېرگىيە، تۆمۈر يول، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە كىرىشى جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. جاڭ گاۋلى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ۋەزىيەتتە كۆرۈلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پائال ئىلگىرىلەپ، قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئاڭلىق تەڭشەپ ھەم سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئاڭلىق قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە يېڭى نەتىجە يارىتىشى ۋە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى؛ جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكىلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىشىنى، كۈچلەرنى ئەتراپلىق توپلاپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش داۋامىدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە