باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قاتارلىقلار سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنى يوقلىدى ھەم مۇزاكىرىگە قاتناشتى (2)

2013.03.05 16:21        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4 – مارت چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، گەن يۇڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، ليۇ جەن، گەن شياۋخۇا، لى ۋېيدۇ، ۋەن جيەنمىن قاتارلىق ئەزالار قىزغىن سۆز قىلىپ، ئېلىمىز پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاچ، ئەستايىدىل خاتىرىلىدى. 11 ئەزانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىقتىسادتا چوڭ دۆلەتتىن ئىقتىسادتا قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى مەۋقەنى ئومۇمىيەتكە قويۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر. دۇنيادا ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، ئەمەلىيەتكە توغرا قاراپ، پەرقنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىز بېسىپ ئەگىشىپ، قوغلاپ يېتىشىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىپ، تېخىمۇ ئىجابىي، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كەلگۈسىگە چېتىلىدىغان نۇقتىلىق پەن – تېخنىكا ساھەسىدە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما تۈزۈپ، دادىل ئىزدىنىپ، تەرەققىياتقا ئامىل ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى تەرەققىياتقا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىپ، مۇھىم پەن – تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئالدىن ئىشلىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پەن – تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ‹‹يېڭىلىق يارات››نى ‹‹يېڭىلىق يارىتىمەن››گە ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، بازار ئېھتىياجى بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشىغا تېخىمۇ كەڭ مۇھىت يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۇلۇغ كۈرىشىگە تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا يۈ جېڭشېڭمۇ قاتناشتى.

  لى كېچياڭ 4 – مارت چۈشتىن كېيىن ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. لى يىنىڭ، چيەن يىڭيى، خې يىشىن قاتارلىق ئون نەچچە ئەزا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆز قىلدى. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن پىكىرلىشىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مۇھىت مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، دۇنيا ئىقتىسادى ئىزىدا توختاپ قېلىش ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، زاپاس پۇلنى سىجىل قويۇۋېتىش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن يېڭى خەۋپ – خەتەر ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، پۇل پاخاللىقى بېسىمى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات نۇرغۇن زىددىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خىرىس ئالدىدا ‹‹نۆۋەتتىكى خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش››كە كۈچ سەرپ قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مەۋقەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇقىم ئېشىشقا، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تىرىشىشىمىز؛ قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بازارنىڭ مەجبۇرلىشى ۋە سىياسەت ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ھالقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان، ھاياتىي كۈچكە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىكى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى. يېزا ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش، مەنپەئەتلەندۈرۈشكە ئائىت سىياسەتلەردە قەتئىي تەۋرەنمەي، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېرىلغۇ يەرنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، كۆپ خىل كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈنۈمى ۋە كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە