باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا گەنسۇغا بېرىپ ھەر مىللەت ئاممىسىنى يوقلىدى(2)

2013.02.06 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇ كەمچىل بولۇش ۋە قۇرغاقچىلىق گەنسۇنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق قىيىن مەسىلە. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 3-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ ۋېييۈەن ناھىيەسىدىكى سۇ باشلاش، سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ئورنىغا كېلىپ، قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

  2011-يىلى 2-مارت دۇڭشياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بازىرىدا سىرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى، قايتا قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قانداق بولدى؟ شى جىنپىڭ بۇنىڭغا بەك ئەھمىيەت بەردى. 3-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، قايتا قۇرۇش ئىش ئورنى نەق مەيدانىغا بېرىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، نەق مەيداندا خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنى يوقلىدى.

  4-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ لەنجۇ شەھىرى چىلىخې رايونى شىخۇ كوچىسىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسى ئاشخانىسىغا باردى ھەمدە بۇ يەردە تۇرىدىغان ياشانغان بىر كىشىگە ئىسسىق بىر چىنە تاماق بەردى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ چاغاننى خۇشال -خۇرام ئۆتكۈزۈشى، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشى، كېيىنكى كۈنلىرىنى ئوبدان ئۆتكۈزۈشىنى تىلىدى.

  چاغان ھارپىسىدا، شى جىنپىڭ بازارنىڭ تەمىنات ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ لەنجۇ شەھىرى چىڭگۈەن رايونى ۋۇچۈەن كۆكتات بازىرىغا ئالاھىدە بېرىپ، بازاردىكى تىجارەتچىلەر ۋە كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  شى جىنپىڭ يەنە جىنچۈەن گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدە خىزمەت تەكشۈرۈپ، لەنجۇ يېڭى رايونىنىڭ پىلان قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، گەنسۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەربى رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشتىكى ئاچقۇچ- ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ياخشى ئىستىل بىلەن خەلق ئاممىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىشىدا. ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايلارغا كۆپرەك بېرىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتتا ئەڭ قىيىنچىلىقى بار جايلارغا كۆپرەك بېرىپ، ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئاممىغا مېھرى مۇھەببىتى بولغان، ئامما ھىمايە قىلىدىغان كادىرلارنى گەپ-سۆز ۋە ئىش قىلىش پاراسىتى بولغان، ئۈنۈمى بولغان كادىرلار، يۇقىرىغىمۇ چىقالايدىغان، تۆۋەنگىمۇ چۈشەلەيدىغان، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ساختىلىق قىلمايدىغان كادىرلار، پاك دىيانەتلىك، ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازى ياخشى كادىرلارنى مۇكاپاتلاش ۋە مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. راھەت-پاراغەتكە بېرىلىش ئىدىيەسى كۈچلۈك بولغان، شەكىلۋازلىقنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاممىدىن قاتتىق ئايرىلىپ قالغان كادىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇلارنى جازالاش، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي پاك ئىش قىلىشتەك ياخشى ئوبرازنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قەلبىگە مۇجەسسەملەش لازىم.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە