باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

2012.11.12 13:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى 11-نويابىر چۈشتىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرىنى «مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى»غا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇش ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركەز مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن جىجۈن مۇنداق دېدى: پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىنى ئايرىش ۋە باشقۇرۇش بىلەن بېجىرىشنى ئايرىش جەھەتتە سالماق كۈچەيتىلىپ، چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. تىجارەت خاراكتېرلىك مەدەنىيەت كەسپىي ئورۇنلىرىنى كارخانىغا ئۆزگەرتىش تۈزۈمىدە، كۆپ يىللاردىن بۇيان 6900 دىن ئارتۇق كەسپىي ئورۇن كارخانىغا ئۆزگەرتىلدى، 300 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ كەسپىي سالاھىيىتى تىزىمدىن چىقىرىۋېتىلدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ دۇنيا مىراسى 43 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا مىراسىدىن 30 ى بار بولۇپ، دۇنيادا 3-ئورۇندا تۇرىدۇ.

  مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىرى جاۋ شاۋخۇا مۇنداق دەپ قارىدى: مەدەنىيەت مىراسلىقىغا ئىلتىماس قىلىش قىزغىنلىقى يامان ئىش ئەمەس، مەدەنىيەت مىراسلىقىغا ئىلتىماس قىلىش ئاخىرقى نىشانمۇ ئەمەس، بەلكى دۇنيا مىراسلىرىنى ھەقىقىي قوغداش ۋە ياخشى باشقۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىدە تولۇق نەتىجە ھاسىل قىلىش ئەڭ مۇھىم. كەلگۈسىدە بىز دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ باشقۇرۇش قائىدىسى، كاپالەت مېخانىزمى، مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش مېخانىزمى، ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆرگەزمە ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پايدىلىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

  دۆلەتلىك رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تيەن جىن مۇنداق دەپ قارىدى: جەمئىيەتتىكى «دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنولارنى قوغداش ئېيى» دېگەن قاراش توغرا ئەمەس. كىنو قويۇش-بىر خىل بازار ھەرىكىتى، ھۆكۈمەت كىنولارنى زورمۇ-زور دەرىجىگە ئايرىمايدۇ. بىر مەزگىل ئىچىدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنولار كۆپرەك بولۇشى، بىر مەزگىل ئىچىدە، ئىمپورت قىلىنغان كىنولار كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن، بۇ بىر نورمال ئەھۋال. ئېلىمىزنىڭ بۈگۈنكى دەۋر كىنولىرىغا ئوخشاش، چەتئەللەرنىڭ كىنولىرىدىنمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىمىزنى تارتىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ-بىزنىڭ بازار ئۈنۈمىنى قوغلىشىشتىكى بىر خىل تاللىشىمىز شۇنداقلا بىر خىل سودا خاراكتېرىنى ئويلاشقىنىمىز.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە