باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

18-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى پارتىيە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك يېتەكچى ئىدىيەنى مۇھاكىمە قىلدى(1)

2012.11.12 13:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش خۇ جىنتاۋ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سىستېمىسىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجە، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن ئوخشاش پارتىيە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك يېتەكچى ئىدىيە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجە بولۇپ، ئۇ ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى چەك چېگراسىنى ئېچىپ بەردى.

  ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ بارلىق جەريانلىرىغىچە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە ئىپادىلەش كېرەك.

  جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ۋەكىل ياڭ ۋېيزې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تېرەك، ئۇنى چوقۇم دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدا يادرولۇق ئورۇنغا قويۇش كېرەك، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش قەدىمىنى تېزلىتىشتە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك دەپ كۆرسىتىلدى. يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە