باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سەي مىڭجاۋ: جۇڭگونىڭ سىياسىي تۇزۇلمە ئسلاھاتى ھەرقانداق خەۋپ –خەتەردىن قورقۇپ كەتمەيدۇ، پاراكەندىچىلىكتىن ئادىشىپ قالمايدۇ(2)

2012.11.10 08:39        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەي مىڭجاۋ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ سىياسىي تۇزۇلمە ئسلاھاتىنى ئىلگىرى سۇرۇشتىكى چوڭ نىشانىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەستىن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئورگانىك ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈش. خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئاساس قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلىپ، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە مەسلىھەتلىشىش تۈزۈمى، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  سەي مىڭجاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر بىر قاتلام، ھەر بىر ساھەدە پۇقرالارنىڭ تەرتىپلىك ھالدا سىياسى ئىشلارغا قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى كېڭەيتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈم دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى، ئۇزاققىچە ئەمىن تېپىشى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. سەي مىڭجاۋ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ خەلق دېموكىراتىيەسى داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن–تۈزۈمى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىدۇ. جۇڭگو خەلقى مەنپەئەتلىنىدىغان دېموكىراتىك ھوقۇق بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەقىقى ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە