باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سەي مىڭجاۋ: جۇڭگونىڭ سىياسىي تۇزۇلمە ئسلاھاتى ھەرقانداق خەۋپ –خەتەردىن قورقۇپ كەتمەيدۇ، پاراكەندىچىلىكتىن ئادىشىپ قالمايدۇ(1)

2012.11.10 08:39        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى بېيجىڭ 7-نويابىر تېلېگراممىسى: 18-قۇرۇلتاي ئاخبارات باياناتچىسى سەي مىڭجاۋ بۇگۇن ئامېرىكا رادىيو شىركىتى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرگەندە، جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمەلىيەت جەريانىدا ئاچقان توغرا يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.

  سەي مىڭجاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگودىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تارىخ بىلەن خەلق تاللىغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، جۇڭگو قولغا كەلتۇرگەن ھەممىگە ئايان بولغان تەرەققىيات نەتىجىلىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ سىياسىي پارتىيە تۇزۈمىنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئويغۇن كېلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  سەي مىڭجاۋ مۇنۇلارنى بىلدۇردى: سىياسىي تۇزۇلمە ئسلاھاتى جۇڭگونىڭ ئومۇميۇزلۇك ئسلاھاتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بىز باشتىن-ئاخىر سىياسىي تۇزۇلمە ئسلاھاتىنى ئسلاھات ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ مۇھىم ئورۇنىدا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۇرۇپ كەلدۇق، ھەمدە زور يۇكسىلىشنى قولغا كەلتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاچتۇق ۋە بۇ يولدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ كەلدۇق.

  سەي مىڭجاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: « جۇڭگونىڭ سىياسىي تۇزۇلمە ئسلاھاتى چوقۇم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىدۇ، پارتىيە ۋە خەلق ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمەلىيەت جەريانىدا ئاچقان توغرا يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ، ھەرقانداق خەۋپ –خەتەردىن قورقۇپ كەتمەيدۇ، ھەرقانداق پاراكەندىچىلىكتىن ئادىشىپ قالمايدۇ».
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە