باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خۇجىنتاۋ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

2012.11.10 08:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يولداش خۇجىنتاۋ 9-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شى فوتوسى)
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-نويابر بېيجىڭ خەۋىرى:يولداش خۇجىنتاۋ 9-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ 18- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. بىز 18- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنى ۋە بۇرچىمىزنى چوڭقۇر تونۇپ، داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرۈش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدا يېڭىدىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  خۇجىتناۋ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كىيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 16- قۇرۇلتايدا ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۆرەش نىشانى ئوتتۇرغا قويۇلدى؛ پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىدا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتغا ئاساسەن ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۆرەش نىشانىنىڭ يېڭى تەلىپى ئوتتۇرغا قويۇلدى. ئون يىل تېرىشىش ئارقىلىق، ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇستەھكەم قەدەم تاشلىنىپ، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ كۆرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇستەھكەم ئاساس سېلىندى.

  خۇجىتناۋ مۇنداق دېدى: پارتىيە 16- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جياڭسۇ پۈتۈن مەملىكەتكە ئوخشاش، مۇرەككەپ ئون يىلنى بېشىدىن كەچۈردى. پۈتۈن ئۆلكىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىككىدە ئالدىدا مېڭىپ، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ماسلىشىپ ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلاتتا، شارائىتى بار جايلار زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى ئوتتۇرغا قويۇلدى. ئۇ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، جياڭسۇنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا مۇنداق بىر قانچە نۇقتىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش لازىم.

  1. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانىنى توغرا تونۇپ، ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساشنى تىزلىتىش، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش لازىم.

  2. ئىلمىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ماھىيەتلىك تەلەپنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش، شەھەر يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، خەلقئارا ئىقتىساد ھەمكارلىقى ۋە رىقابەتتىكى يېڭى ئۈستۈنلۈكنى يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭى يول ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش لازىم.

  3. خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى نۇقتا قىلىپ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش تەلىپىنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ئومۇمىي خەلق ئوقۇسا مەكتەپ بولۇش، ئىشلىسە ھەق ئېلىش، كېسەل بولسا داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش لازىم.

  4. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ،جىددىيلىكىنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، يېشىل تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تىرىشىش لازىم.

  5. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى مۇھىملىقىنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، بۇ جەھەتتە يېڭى قەدەم بېسىشقا تىرىشىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە