باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى مىليونلىغان كۆزلەر نازارەت قىلسۇن

نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

2012.08.29 17:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلىرىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى چاقىردى، يىغىندا يەرلىك نۆۋەت ئالمىشىش سايلاملىرىنى نازارەت قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنىڭ ئىنتىزامىنى يەنىمۇ چىڭىتىش خىزمىتى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  بۇ يىل 7-ئايغا قەدەر، مەملىكىتىمىزدىكى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا تۆت دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، پاك-دىيانەتلىك، دۇرۇس بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدا ئىنتىزام خىزمىتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى «خىزمەت لايىھەسى» ۋە «مەشغۇلات قائىدىسى»نى تۈزۈپ تارقاتتى، پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسكىن تەربىيە قىلىش، قاتتىق نازارەت قىلىش، جىددىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق سايلام ئىنتىزامىنى قەتئىي چىڭىتىپ، پاك-دىيانەتلىك ئادىل بولغان نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى مۇھىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنىڭ باشتىن-ئاخىر ساغلام، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.)جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى(

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە