باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى غەلىبىلىك تاماملاندى

2012.08.14 16:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى غەلىبىلىك تاماملاندى. بۇ يىل ئاپرىلدىن ئىيۇلغىچە، مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى ئايرىم ھالدا پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى پارتىيە ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 2270 ۋەكىلنى سايلاپ چىقتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى پارتىيە نىزامى ۋە مەركەزنىڭ ۋەكىل سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئالاقىدار تەلىپى بويىچە سايلاندى. ۋەكىللەر نامزاتىنى كۆرسىتىش ۋە ۋەكىللەرنى سايلاش جەريانى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولدى، پارتىيەنىڭ دىموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇلدى، پارتىيە ئىچىدىكى دىموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.

  سايلانغان ئەزالار مەركەز بەلگىلىگەن ۋەكىللەردە بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى ھازىرلىدى. ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلدى، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بار، ھەم ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرىمۇ بار، ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، سىياسىي قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق ھەر جەھەتلەردىكى ۋەكىللەرمۇ بار. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇ ۋاقىتتا يەنە ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى جەزىملەشتۈرىدۇ. خەلق گېزىتىنىڭ 14-ئاۋغۇستتىكى سانىغا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكى بېسىلدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە