باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ كورىيەلىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2012.06.13 16:38        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا كورىيە سامسوڭ ئېلېكترون گۇرۇھىنىڭ باشلىقى چوي جىساڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ مەدەنىيىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن دوست قوشنىلار بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى كۆپەيدى، ئىقتىساد سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى جانلاندى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، جۇڭگو كورىيە بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىلا تېخىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تېرىشىشى ئارقىسىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىدا ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر قاتلاملىق، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ياخشى قېلىپ شەكىللەندى، ئىككى دۆلەت بىر بىرىنىڭ مۇھىم سودا شېرىكىگە ئايلاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى بار. جۇڭگو يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال يېتىشتۈرىۋاتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، بۇ قېتىم سامسوڭ گۇرۇھى جۇڭگودا دۇنيانىڭ ئىلغار ئۆزەك تۈرىگە مەبلەغ سالدى، بۇ جۇڭگونىڭ كەسىپ سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگو بىلەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قاتارلىق كۆپ زەنجىرلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يىراققا نەزەر سېلىپ، تېخنىكىلىق تەركىبى يۇقىرى تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى جۇڭگوغا بولۇپمۇ ئوتتۇرا غەربىي رايونلارغا قارىتىپ، بازار ئېھتىياجىغا تېخىمۇ يېقىن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرلىنىشىنى قارشى ئالىمىز.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە