باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى باشلاندى

2012.06.13 16:37        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى 12-ئىيۇن كەچتە دۆلەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى. دۆلەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا چىراغلار چاقناپ، شادىيانە كەيپىياتقا تولغان ئىدى. ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئارتىس، خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. خۇ جىنتاۋ كۆپچىلىكنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ مېلودىيىسىنى داۋاملىق ياڭرىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  سائەت 20 دە، «سۇمۇرغ پەرۋاز قىلماقتا» دېگەن دەبدەبىلىك ئۇسسۇل بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ «گۈللەنگەن جۇڭخۇا» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى باشلاندى. پۈتكۈل كېچىلىك «ساماۋى ناخشا-ئۇسسۇل»، «گۈزەل يۇرتىمىز»، «قۇتلۇق كۈي»دىن تەركىب تاپتى، ئاز سانلىق مىللەت ئارتىسلىرى قىزغىن ھېسسىيات بىلەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھەر مىللەت ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىرى تەكشى ئېچىلغان جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلدى. مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر بىر نومۇر جۇشقۇن، رەڭدار بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ يۇرتنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتەك سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ، پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان خۇشال قىياپىتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ يولداش خۇ جىنتاۋ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەك يارىتىشقا باغلىغان ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. ئاخىرىدا، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، جۇاڭزۇ، موڭغۇل ئارتىسلار بىرلىكتە «بىزنىڭ ئورتاق ئائىلىمىز» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، ھەر مىللەت ئارتىسلىرى لەرزان كۈي بىلەن ناخشا ياڭرىتىپ، كېچىلىكنى لەرزىگە كەلتۈردى.

  4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. 7-ئىيۇندىن 6-ئىيۇلغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان 6700 دىن ئارتۇق ئارتىس بېيجىڭدا 41 قېتىملىق نادىر نومۇرنى ئورۇنلايدۇ. خەلق گېزىتى 13-ئىيۇن «ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى كۈيىنى ياڭرىتىپ، 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە