باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىككى ئاكادېمىيە يىغىنى ئېچىلدى، خۇ جىنتاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

2012.06.12 16:31        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

11-ئىيۇن، خۇ جىنتاۋ ئىككى ئاكادېمىيە يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. (ليۇ جيەنشېڭ فوتوسى)
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 16-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 11-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى 11-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا تەنتەنىلىك ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جۇ يوڭكاڭلار يىغىنغا قاتناشتى.

  جۇڭگونىڭ ئىلىم پەن ساھەسى ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكا ساھەسىدىكى ئالىي ئىلمىي تەشكىلاتلار بۇ قېتىمقى كاتتا مەرىكىنى ئۇيۇشتۇردى، بۇ دۆلەتنىڭ پەن تېخنىكا ئىدىيە ئىسكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پەن مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكا ساھەسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، راستچىل ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە