باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خۇ جىنتاۋ ئەخمەد نىجاد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2012.06.08 17:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 8-ماي چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا، جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىراننىڭ پىرېزىدېنتى ئەخمەد نىجاد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو جۇڭگو-ئىران مۇناسىۋىتىگە ئىستىراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراققا نەزەر سېلىش نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئىران بىلەن بىللە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى مۇنداق تۆت جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ: 1-، ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى ۋە پارتىيەلىرىنىڭ دوستانە بېرىش-كېلىشىنى كۈچەيتىش. 2-، رېتىملىق تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش پىرىنسىپى ئاستىدا، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش. 3-، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش. 4-، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشىنى ساقلاپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەت ۋە ھەمكارلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، باغداد سۆھبىتى يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. ئىراننىڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، يەنىمۇ جانلىق ۋە ئەمەلىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئالتە دۆلەت بىلەن ئەمەلىي مەسىلىلەردە ئەستايىدىل سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ سۆزلىشىش ۋە سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىنىش توغرا يولىغا مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشتا داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

  ئەخمەد نىجاد ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە تۇتقان مەيدانىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىران مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنىمۇ پائال تىرىشىپ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقە باغلاشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن ئاۋۋال، خۇ جىنتاۋ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئەخمەد نىجادنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە