باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ۋېن جياباۋ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى
2010.06.24 08:04    
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 23-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىزنىڭ مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە مېخانىزمى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، قىسمەن جايلار ۋە تارماقلاردا مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرماسلىق، ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئەمەل قىلماسلىق مەسىلىلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، «تېزىس»نى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىپ، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش سالمىقى بىلەن ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، مەمۇرىي تەدبىرلەرنىڭ تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ئۈچىنچى، قانۇنىنى قاتتىق، ئادىل، مەدەنىي يۈرگۈزۈش كېرەك. تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ياخشى بولغان ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. تۆتىنچى، مەمۇرىي جەھەتتىن تەپتىش قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. بەشىنچى، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى قانۇن بويىچە ھەل قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي رەھبەر بىرىنچى قول مەسئۇل كىشى بولىدىغان مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنچىلىق ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي خادىملارنىڭ، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved