باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
لى يۈەنچاۋ: پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، ئىلغارلارغا يېتىشىش، تۆھپە قوشۇش نەمۇنىسى بولىدىغان ياخشى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرەيلى
2010.06.24 08:04    
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  خەلق گېزىتىنىڭ 23-ئىيۇن شاڭخەيدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يۈەنچاۋ 23-چېسلا شاڭخەيدە كوچا-مەھەللە رايونلىرىدا ئىلغار نەمۇنىچىلارنى يېتىشتۈرۈش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى چاقىردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلغار نەمۇنىچىلارنى يېتىشتۈرۈش پائالىيىتىنى ھەقىقىي چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كوچا-مەھەللە رايونلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، قەلىبلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئەلا باشقۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، ئىلغارلارغا يېتىشىش، تۆھپە قوشۇش نەمۇنىسى بولىدىغان ياخشى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرەيلى. (دۇڭ خۇڭجۈن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved