باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
دەرھال ھەرىكەتلىنىپ يۇرتىمىزنى قوغدايلى
ـــ جەنۇبتىكى 10 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى
2010.06.24 08:04    
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
6-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئوت ئۆچۈرۈش ئوفېتسېر-ئەسكەرلىرى جياڭشى فۇجۇنىڭ لوجېن بازىرىدا قاپسىلىپ قالغانلارنى يۆتكىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ كې فوتوسى)

  خەلق گېزىتى مۇخبىرى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردە، مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئۇدا قاتتىق قارا يامغۇر يېغىپ، قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ، شۇ يەرنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەم خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ، زۇڭلى ۋېن جياباۋ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، زور كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تىرىشىپ ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى.

  كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سېپىدە «خەلق گېزىتى» مۇخبىرلىرى خەۋەر بېرىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىگەن تەسىرلىك مەنزىرىلەرنى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇرتىنى قوغدىغانلىقىدىن ئىبارەت قەيسىرانە كۆرۈنۈشلەرنى ئەكس ئەتتۈردى. بىز بۇنىڭدىن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بۈيۈك كۈچىنى كۆرۈپ يەتتۇق. بىز قىيىنچىلىق ئالدىدا، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلساقلا، چوقۇم كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭدە يىڭىپ چىقالايمىز. (جۇڭگو مىللەتلەر تىل ـ يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved