باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ليۇ يۈنشەن: ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئېنىق تونۇپ، پىكىرنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ سىرتقا بولغان تەشۋىقات خىزمىتى سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرەيلى
2010.06.23 08:15  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ سىرتقا بولغان تەشۋىقات خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 22-ئىيۇن بېيجىڭدا چاقىرىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ، يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار سىرتقا بولغان تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت پائالىيىتى بىلەن كارخانىلارنىڭ سىرتقا بولغان تەشۋىقات خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كارخانا ئوبرازى تىكلەش بىلەن دۆلەت ئوبرازىنى نامايان قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئوبيېكتىپ، دوستانە خەلقئارالىق جامائەت پىكرى مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تىل ـ يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved