باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
جيا چىڭلىن، لى چاڭچۇن، لى كېچياڭ، خې گوچياڭلار ئايرىم-ئايرىم مۇزاكىرىگە قاتناشتى
2010.03.12 14:54  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 11-مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنڭ ئەزاسى، لى چاڭچۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنڭ دائىمىي ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ 11-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتناشقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

  جيا چىڭلىن تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. جيا چىڭلىن ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، مۇھىم نۇقتىلارنى خاتىرىلىۋالدى. ۋېي لىخۇي، چېن ۋېيۋېن، چېن يۈنيىڭ قاتارلىق 12 ۋەكىل سۆز قىلغاندىن كېيىن، جيا چىڭلىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيىدىغانلىقنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى، راۋاجلاندى، تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتتە يېڭى نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى. ھازىر ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى مۇھىم پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ. بىز باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ «تەيۋەنىلىك قېرىنداشلارغا خەت » ئېلان قىلنىغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتنى پۇختا، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى پۇختا قەدم بىلەن راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.لى چاڭچۇن چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. لى چاڭچۇن خەن يۇڭدۇڭ، بەي شيۇخۇا، لۇ خۇينىڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لى چاڭچۇن چىڭخەينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، چىڭخەينىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىيتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىجابىي ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، ھالقىما تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى يولىنى تىرىشپ تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لى چاڭچۇن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوتسيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلقى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەشۋىق-تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، چىڭخەيدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ نىڭشيا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. يىغىن مەيدانىدا كەيپيات جانلىق، مۇزاكىرە قىزغىن بولدى. لى كېچياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت رايونى بولغان نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. ھەر مىللەت خەلقى بىردەك ئىتتپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش-راۋاجلىنىش باش تېمىسنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قەدىمىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش ۋە ھەممە ئادەم ئاساسىي ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەك.

  خې گوچياڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. خې گوچياڭ خۇڭ خۇ، جياڭ جىڭسۇ، سۈي جيې قاتارلىق 9 ۋەكىلنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، جىلىننىڭ بۇلتۇرقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيىلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرققىيات ئۇسۇلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىشتە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشى كېرەك؛ دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى قوللاش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك؛ دۆلەتنىڭ چاڭچۇن، جىلىن، تۇمىن ئېچىلما-ئوچۇق باشلامچى رايون قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋىتىشتا ھەقىقي تۈردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved