باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، شى جىنپىڭ، خې گوچياڭ، جۇۋ يۇڭكاڭلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى
2010.03.11 16:57  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
10-مارت، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما ديەنچېڭ فوتوسى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-مارت تېلېگراممىسى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇۋ يۇڭكاڭلار 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، خۇ جىنتاۋ ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى. يىغىننىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن جانلىق بولدى، ۋەكىللەر بەس-بەستە سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون سۈپىتىدە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئالغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى مۇستەھكەملەپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ ۋە قوغداپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، دېدى.

  شەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، ۋۇ باڭگو ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى. ۋۇ باڭگو ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىغانلىقىنى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خېبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، ۋېن جياباۋ ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى. ئۇ گو چېڭجى، جاۋ جىخەي، ياڭ جيەنجوڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خېبېينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى. شى جىنپىڭ سەككىز ۋەكىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: گۇاڭشى دېڭىز قىرغىقىغا، دەريا قىرغىقىغا، چېگرىغا يېقىن، يەنە كېلىپ كونا ئىنقىلابىي رايون، شۇنداقلا مىللىي رايون، گۇاڭشىنىڭ ئىلمىي تەرەققىي قىلىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشى، ھالقىما تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، چېگرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىدەك ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تاقىلىدۇ.

  ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، خې گوچياڭ ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى. ئۇ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاندىن سۆز قىلدى. ئۇ كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خې گوچياڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇلتۇرقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مەركەزنىڭ سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش، رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش، رايون مۇقىملىقىنى ساقلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىشنى يېڭى ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ماددىي ئاساس يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، جۇۋ يۇڭكاڭ ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى. ئۇ لى شۇشياڭ، جاڭ شيەنجۈن، دۇ شەنيى قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇۋ يۇڭكاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تۈزۈلمىسى دۆلىتىمىز ئەمەلىيىتىدە قايتا-قايتا ئىسپاتلانغان ياخشى تۈزۈم، ئۇ ھەم خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەم پۈتكۈل خەلقنىڭ ئىرادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشىغا پايدىلىق تۈزۈمدۇر.

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved