باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، ۋۇ باڭگو يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى
2010.03.10 11:37  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 9-مارت بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. (گېزىتىمىز مۇخبىرى لى كې فوتوسى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 9-مارت تېلېگراممىسى. 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 9-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى.خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۇن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇۋ يۇڭكاڭلار يىغىنغا قاتناشتى.يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ جاۋگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ۋۇ باڭگو دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، 22 پارچە قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى قارار لايىھىسى قاراپ چىقىلىپ، 11 ى ماقۇللاندى، 2 تۈرلۈك قارار چىقىرىلدى، گوۋۇيۈەن، ئالىي سوت مەھكىمىسى، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 14 خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، 1 تۈرلۈك مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، 1 تۈرلۈك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، 3 قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى تەكشۈرۈلدى، ۋەكىللەرنىڭ 518 پارچە تەكلىپى بېجىرىلدى، ئېلىمىزنىڭ چەتئەل بىلەن ئىمزالىغان شەرتنامە، كېلىشىمنامە ۋە قاتناشقان 7 خەلقئارا ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، يەنە بىر تۈركۈم دۆلەت ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش قارارى چىقىرىلىپ ۋە تەستىقلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەر قوشۇلدى.

  ۋۇ باڭگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2010-يىلى «11-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن قەدەم بېسىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى. دائىمىي كومىتېت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: پارتىيە 17-قۇرۇلتىيى ۋە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىردەكلىكىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىلىزىملىق قانۇن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش نىشانىنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا ۋە تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشتىن ئىبارەت.

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved