باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، لى چاڭچۇن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭلار يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى
2010.03.04 10:26  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۇن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭلار يىغىن مەيدانىغا كىرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 3-مارت تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 11-نۆۋەتلىككومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى 3-چېسلا چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كەلگۈسى 10 كۈندە، ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئاكتىپ پىكىر-تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فۇنكسىيىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ گاڭ، لياۋ خۇي، دۇ چىڭلىن، پابالا گېليېلاڭجيې، بەي لىچېن، چېن كۇييۇەن، ئابلەت ئابدۇرشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، دۇڭ جيەنخۇا، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۇن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ بۇفاڭ، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لى ۋۇۋېي، لو فۇخې، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، لى چاڭچۇن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭلار يىغىن سەھنىسىدە ئولتۇرۇپ، يىغىننىڭ چاقىرىلغانلىقىنى تەبرىكلدى.مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 3-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2237 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2154 كىشى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، ۋاڭ گاڭ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ قارالمىسى ماقۇللاندى.

  جيا چىڭلىن سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.
3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.(ئۆز مۇخبىرىمىز لېي شېڭ فوتوسى)

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved