خې گوچياڭ: مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدىكى تەلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمدار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك تەرەققىياتىنى ساقلايلى
2009.12.02 15:00
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋۇخەن 1-دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ يېقىندا خۇبېيدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە يېقىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىنىنىڭ كىلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ، پۇختا خىزمەت قىلىپ، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئەھۋالغا ئاساسەن، سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە جانلىقلىقىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. (مۇخبىر تەن خاۋ خەۋىرى)
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)