ۋېن جياباۋ 12-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ
2009.11.24 11:28
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 23-نويابىر تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 23-چېسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو-ياۋروپا ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىشى ئارقىلىق، 12-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى شۋېتسىيەنىڭ باش ۋەزىرى رەيىنفىلد ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو بىلەن بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)