جۇ يۇڭكاڭ: دۇنيا، دۆلەت، پارتىيە، جەمئىيەت ئەھۋالىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سىياسىي-قانۇن، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدىن ئىبارەت يېڭى تېمىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ھەل قىلايلى
2009.11.06 14:37
شىنخۇا ئاگېنتلىقى نەنچاڭ 5-نويابىر تېلېگراممىسى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ 4-چېسلا جياڭشى ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئېسىل ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا، دۆلەت، پارتىيە، جەمئىيەت ئەھۋالىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سىياسىي-قانۇن، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدىن ئىبارەت يېڭى تېمىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى، دەپ تەكىتلىدى.
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)