باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش مەبلىغى 9 يىلدا 52 مىليوندىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى
2009.11.06 14:25  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  گېزىتىمىز بېيجىڭ 5-نويابىر تېلېگراممىسى 5-چېسلا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پېيشيەن ناھىيىسىدە چاقىرىلغان پەن-تېخنىكىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش مەبلىغىگە ئېرىشىپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك سىناقتىن ئۆتكەن ۋە پىشىپ يېتىلگەن يەنە بىر تۈركۈم ئىلغار ئەمەلىي پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنىپ، كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 2001-يىلدىن 2009-يىلغىچە، مەركەز مالىيىسى جەمئىي 2 مىليارد 650 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى، 14 مىليارد يۈەن يەرلىك مالىيە ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغنىڭ سېلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش مەبلىغى 9 يىلدا جەمئىي 4338 تۈرنى قوللاپ، 52 مىليوندىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. (مۇخبىر يۈي جيەنبىن خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved