جيا چىڭلىن: «سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى»نىڭ جەۋھىرىنى ئىگىلەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى
2009.11.03 14:09
گېزىتىمىز بېيجىڭ 2- نويابىر تېلېگراممىسى 8 -نۆۋەتلىك سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 2- چېسلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: « ‹سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى›نىڭ جەۋھىرىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلەپ، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئىدىيىۋى مەدەنىيەت مىراسىدىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن يەنىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.» (مۇخبىر ليۇ ۋېيتاۋ خەۋىرى)
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)