باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)
دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارتىيىنى ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيىنى ئىدارە قىلىشتا قاتتىق بولۇش شەرت
گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
2009.11.02 14:58  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيىدە. قانداق بىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىنىڭ بولۇشى خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى، جۇڭگونىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى تاللىدى، ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسى پارتىيىمىزنىڭ زېممىسىگە يۈكلەندى. پارتىيىمىزنىڭ نەچچە ئون يىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تەجرىبىسى شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، قاتتىق تەشكىل، قاتتىق ئىنتىزام، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق نازارەت بولمىسا خەلقنىڭ مۇھىم ھاۋالىسىنى زېممىگە ئېلىش ناھايىتى قىيىن. پەقەت پارتىيە پارتىيىنى باشقۇرۇش، پارتىيىنى قاتتىق باشقۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغاندا، پارتىيە ئۆز قۇرۇلۇشىنى باشتىن-ئاخىر كۈچەيتكەندە، پارتىيىنىڭ ساپلىقى ۋە ئىلغارلىقىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىغاندىلا، ئاندىن پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملىگىلى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىگە ۋە ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن پارتىيىنىڭ ليۇ چىڭشەن، جاڭ زىشەنلەرنىڭ پارىخورلۇق دېلولىرىنى كەسكىن بىرتەرەپ قىلىپ، پارتىيىنى تەرتىپكە سېلىش، ئىستىل تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئىدىيە ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، پۈتۈن پارتىيىدە، پۈتۈن جەمئىيەتتە غايەت زور زىل-زىلە پەيدا قىلدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، پارتىيە بىر قولىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چىڭ تۇتسا، يەنە بىر قولىدا چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشنى چىڭ تۇتۇپ، دۇنيادىكى بىر قىسىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىلەرنىڭ گۈللىنىش ۋە ھالاك بولۇش تەجرىبە-ساۋاقلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئىدىيىۋى تەربىيە، تۈزۈم قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى قاتلاملاردا پارتىيىنى قاتتىق باشقۇرۇش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچكى قىسمىدىكى ناتوغرا كەيپىياتنى قاتتىق تۈزەپ، پارتىيىنىڭ ئىجاتكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

  دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى تەرەققىياتى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ يېڭى تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئۈمىدى تېخىمۇ ئېغىر ۋەزىپىنى پارتىيىمىزنىڭ ئالدىغا قويدى. پەقەت پارتىيىنى باشقۇرۇش، پارتىيىنى ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسز ئۆستۈرگەندىلا، پارتىيىمىز ئاندىن ئەبەدىي ئۆزگەرمەي، مەڭگۈ ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved