تۆمۈريول يولۇچى-يۈك ترانسپورتىدا 10-ئايدا تۆت تۈر بويىچە يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى
ئالدىنقى 10 ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول ئاساسىي قۇرۇلۇشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87.5 ئاشتى
2009.11.02 14:40
گېزىتىمىز بېيجىڭ 1-نويابىر تېلېگراممىسى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئۇدا ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، 10 ئايدا تۆمۈريول ترانسپورتىنىڭ كۈنلۈك يولۇچى يەتكۈزۈش مىقدارى، كۈنلۈك مال قاچىلاش قېتىم سانى، يۈك ئومۇمى يەتكۈزۈش مىقدارى، يۈك ئومۇمىي ئوبوروتىدىن ئىبارەت تۆت تۈر بويىچە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
يولۇچى توشۇشتا، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىلا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول يەتكۈزگەن يولۇچى 6 مىليون 925 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، تۆمۈر يول ترانسپورتى بويىچە كۈنلۈك يولۇچى يەتكۈزۈش مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رىكورتنى ياراتتى. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە يەتكۈزگەن يولۇچى جەمئىي 1 مىليارد 300 مىليون 120 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 60 مىليون ئادەم قېتىم كۆپىيىپ، %4.8 ئاشتى.
يۈك توشۇشتا، بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول ترانسپورتىدا تۇنجى ئېشىش بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، قايتا مۇقىم يۈكسىلىش ئۇدا كۆرۈنەرلىك بولدى. 10-ئايدا، مەملىكەت بويىچە كۈنلۈك ئوتتۇرىچە يۈك قاچىلاش قېتىم سانى 150 مىڭ 100 ۋاگونغا يەتتى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 4300 ۋاگون كۆپىيىپ، %2.9 ئاشتى؛ يۈك ئومۇمىي يەتكۈزۈش مىقدارى 200 مىليون 940 مىڭ توننىغا يەتتى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 10 مىليون 100 مىڭ توننا كۆپىيىپ، % 3.7 ئاشتى؛ يۈك ئومۇمىي ئوبوروت مىقدارى 224 مىليارد 672 مىليون توننا كىلومېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 990 مىليون 840 مىڭ توننا كىلومېتىر كۆپەيدى، %4.7 ئېشىپ، تۆمۈريول ترانسپورتىدىكى ئەڭ يۇقىرى رىكورتنى ياراتتى.
ئاساسىي قۇرۇلۇشتا، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ 390 مىليارد 606 مىليون يۈەنلىك سېلىنما تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %87.5 ئاشتى. (مۇخبىر لۇ يانەن خەۋىرى)
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)