باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)
ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر ئىلغارلىقنى ساقلايلى
گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
2009.10.26 16:32  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى پەيدا بولغاندىن بۇيانقى تارىخ ئەڭ ياخشى ئىدارە قىلىش شەكلىنى ئىزدەش تارىخىدۇر. 20-ئەسىردىن بۇيان، ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيىلەرنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش شەكلىگە ئايلاندى. لېكىن بۇنداق ئىدارە قىلىش شەكلىنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەجرىبە-ساۋاقلىرىدىن قارىغاندا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقى كۈچلۈك بولمىسا، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ؛ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولمىسا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىنى يوقۇتۇپ قويۇش خەۋپ-خەتىرىگە دۇچار بولىدۇ.

  پارتىيىمىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىگە 60 يىل توشقان، يېڭى جۇڭگودا 60 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن خۇشاللىق پەيتتە، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىپ، تىنچ شارائىتتا تۇرغاندا، خەۋپ-خەتەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدىغان، بالايىئاپەتتىن ئەنسىرەيدىغان كۈچلۈك ئېڭى بىلەن پۈتۈن پارتىيىگە سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى. 4-ئومۇمىي يىغىن «قارارى»نىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، قارارغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن. مانا بۇ پارتىيىمىز ئىلغارلىق ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى مەسىلىسىنى ئىگىلىگەنلىكى ۋە سەگەكلىك بىلەن تونۇغانلىقىنىڭ تولۇق نامايەندىسى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتتە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان چوڭ پارتىيىنىڭ رېئال سىناقلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان، تارىخ بۇرچىنى دادىللىق بىلەن زېممىسىگە ئالالايدىغان ئىشەنچىنىڭ نامايەندىسى.

  پارتىيىمىز 3 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىغا، 75 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە چوڭ پارتىيە، مىليونلىغان خەلقنى بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى ئۈسىتگە ئالغان پارتىيە. مۇشۇنداق بىر چوڭ پارتىيىنى ئوبدان قۇرۇش ۋەزىپىسى جاپالىق ھەم مۈشكۈل، مۇشۇنداق يۈكسەك بۇرچنى تاماملاشنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر ھەم شەرەپلىك. پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، خەلق ۋە تارىخ يۈكلىگەن مۇھىم بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

  مەنبە:خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved