باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇسۇل بايرىمى پىدائىيلىرىنى تەربىيەلەش باشلاندى، 50 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ كۈچ چىقاردى

2013.07.16 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «پىدائىيلارنى تەشكىللىگۈچىلەر ئاساسەن تەييار بولدى، ھازىر جىددىي تەربىيلىنىۋاتىدۇ.» 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسۇل بايرىمى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ خىزمەتچىسى جىن خاۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇسۇل بايرىمىغا پىدائىي قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6-ئايدا باشلانغاندىن تارتىپ، ئىككى قېتىملىق تاللاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا 150 ئادەم بېكىتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 50 كە يېقىن ئادەم ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇلار ئالايىتەن قايتىپ كېلىپ پىدائىي بولغان، يەنە بەزىلىرى ئالدىنقى يىلىمۇ پىدائىي بولۇپ باققانلار ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇسۇل بايرىمىغا 150 نەپەر پىدائىي قوبۇل قىلىش ئالدىن پىلانلانغان، چۈنكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئېلان چىقىرىپ جەمئىيەتتىن ئاشكارا قوبۇل قىلىدىغان بولغاچقا، قوبۇل قىلىش دائىرىسى كەڭرەك بولىدىكەن، ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىغا ئوخشاش پەقەت ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىنلا قوبۇل قىلىنمايدىكەن، «بىزگە خىزمەت تەجرىبىسى مول، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈكرەك پىدائىيلار كېرەك». پىدائىي قوبۇل قىلىش تەلىپى تۆۋەندىكىچە: 18 ياشقا توشقان بولۇشى، ئۇسۇل بايرىمىدىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشكە ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايدىغان بولۇشى، ئۇسۇل بايرىمى مەزگىلىدىكى ئويۇن قويۇش زالى مۇلازىمىتى، مۇراسىم يېتەكچىسى ، چەتئەل تىلى تەرجىمانلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلالىشى كېرەك. پىدائىيلار خىزمەت مەزگىلىدىكى تاماق، ياتاق، يۈرۈش-تۇرۇشىنى ئۆزى بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك، شۇڭا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزىدە ئولتۇراقلاشقانلار ئالدىن تاللىنىدۇ. (مۇخبىر: يۈ جى ليۇ مېڭمېڭ)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار